سەرخىللار مائارىپى

سەرخىللار مائارىپى باشلانغۇچ، تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرىنى يېڭى پۈتتۈرگەن، ئوقۇش نەتىجىسى ئالاھىدە ياخشى، ئۆزىگە ۋە كەلگۈسىگە ئىشەنچىسى كۈچلۈك بولغان 15 نەپەر ئوقۇغۇچى مۇكاپاتلىق قوبۇل قىلىدۇ. ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تاللاش ئىمتىھانى 6-ئاۋغۇست، شەنبە كۈنى ئېلىنىدۇ. تېخىمۇ تەپسىلى مەزمۇنلار ئۈچۈن تور بېتىمىزنى زىيارەت قىلىڭ ياكى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ. قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا تولۇقسىز بىرىنچى يىللىق، تولۇق بىرىنچى يىللىق ۋە ئۇنىۋېرستېت بىرىنچى يىللىقىدىن باشلاپ (تولۇقسىزنى پۈتتۈرگەنلەر) داڭلىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەبلەرگە، (تولۇق ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەكتەبنى پۈتتۈرگەنلەر) دۇنياۋى داڭلىق ئۇنىۋېرستېتلارنىڭ باكلاۋېرلىق ۋە ماگېستىرلىق پروگراممىلىرىغا لاياقەتلىك قىلىپ تەربىيىلىنىدۇ. پروگرامما يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىدا رەسمىي باشلىنىدۇ. سەرخىللار مائارىپىنىڭ مەقسىتى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تالانتلىق ۋە بەلگىلىك يوشۇرۇن كۈچى بولغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى نوقتىلىق ۋە نىشانلىق ھالدا تەربىيىلەش ئارقىلىق يېقىن كېلەچەكتە ياراملىق بىر ئەۋلات سەرخىل زىيالىيلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىشتىن ئىبارەت.
رەسمىي كىملىكتىكى ئىسم-فامىلىڭىزنى ئۇيغۇرچە يېزىڭ
ۋاتىسئەپكە ئۇلانغان تېلېفون نومۇرىنى يېزىڭ
ئې-خەت ئادرىسىڭىزنى يېزىڭ
ئۆزىڭىزنىڭ قايسى يىللىققا چىققانلىقىڭىزنى تاللاڭ
ئۆزىڭىزنىڭ نېمە ئۈچۈن سەرخىللار مائارىپىدا تەربىيىلىنىشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىڭىزنى بايان قىلىڭ