سەرخىللار مائارىپى

سەرخىللار مائارىپى 2024- يىللىق 5 - قارار ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى 17- ئاۋغۇست (شەنبە كۈنى) ئېلىنىدۇ! ئىمتىھانغا تىزىملىتىش ئۈچۈن بۇ يەرنى بېسىڭ.

سەرخىللار مائارىپىنىڭ مۇۋاپىقىيەتلىرى
1. 2022-يىلى بىر نەپەر ئوقۇغۇچىمىز تۈركىيە ئالىي مەكتەپكە كىرىش ئىمتىھانىدىن يۇقىرى نومۇر ئېلىپ تىبابەت كەسپىگە قوبۇل قىلىندى.

2. 2022-يىلى بىر نەپەر ئوغۇل ئوقۇغۇچىمىز ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى، بوستون شەھىرىگە جايلاشقان «ساففولك ئۇنىۋېرسىتېتى»غا ئوقۇش مۇكاپاتى بىلەن قوبۇل قىلىنىپ، غەلبىگە ماڭغان تۇنجى سەپىرىنى باشلىدى!

3. 2023-يىلى بىر نەپەر قىز ئوقۇغۇچىمىز تولۇق ئوقۇش مۇكاپاتى بىلەن ئەنگىلىيەنىڭ رېۋېنسبورن ئۇنىۋېرستىتى( Ravensbourne University London) نىڭ بىناكارلىق كەسپىگە  قوبۇل قىلىندى! 

4. 2024- يىلى بىر نەپەر ئوغۇل ئوقۇغۇچىمىز تولۇق ئوقۇش مۇكاپاتى بىلەن ئەنگىلىيەنىڭ ئېكستېر ئۇنىۋېرستىتى (Exeter University ) نىڭ ئىقتىساد فاكۇلتېتىغا قوبۇل قىلىندى.

5. 2024-يىلى سەرخىللار مائارىپى 8-سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىمىزدىن ئۈچ نەپەر ئوقۇغۇچىمىز 493، 469 ۋە 420 نومۇر ئېلىپ «ئۈمىد مۇكاپاتى» بىلەن مۇكاپاتلاندى.

6. ۋەتەن سىرتىدىكى ئۇيغۇر تەتقىقاتچى-زىيالىيلىرىنى ھەرقايسى كەسىپلەر بويىچە ئاممىباپ ئۇيغۇرچە ماقالىلىرى ئېلان قىلىنىدىغان، ۋەتەندىكى «بىلىم-كۈچ» ژورنىلىنىڭ ۋارىسى بولغان «بىلىم-كۈچ تەبىئىي پەن ژورنىلى»غا سەرخىللار مائارىپىنىڭ بىرىنچى قارار ئوقۇغۇچىلىرىدىن تۆت نەپەر ئوقۇغۇچىمىزنىڭ ماقالىسى بېسىلدى، مۇبارەك بولسۇن! 

 

كەلگۈسىدىكى مىللىتىمىزنىڭ سەرخىل ئالىملىرىدىن بولغۇسى بۇ ئوقۇغۇچىلىرىمىزغا تېخىمۇ-كۆپ ئۇتۇقلارنى تىلەيمىز!

 

دەرسلىرىمىز

geometry, mathematics, volume-1044090.jpg

ماتېماتىكا

تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئولىمپىك سەۋىيە ماتېماتىكىسى

physicist, energy, einstein-4276720.jpg

فىزىكا

تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ فىزىكا ئاساسى بىلىملىرى

flags, unites states, great britain-38754.jpg

ئىنگلىز تىلى

يۇقىرى سەۋىيەلىك ئەمەلىي قوللىنىشچان ئىنگلىز تىلى

ئەدەبىيات دەرسى

تىل-ئەدەبىيات

تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ سەۋىيەسىدىكى ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى

تارىخ

ئۇيغۇر تارىخى

بىر پۈتۈن ئۇيغۇر تارىخى

ئەخلاق

ئەخلاق

ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى ئەخلاق قارىشى ۋە دۇنياۋى ئەدەپ-قائىدىلەر

ئوقۇغۇچىلار سۇنۇمى

دەرستىن سىرتقى پائالىيەتلەر

لېكسىيە ۋە سېمىنەر

تور دەرسلىرىدىن باشقا ھەپتە ئاخىرلىرى لېكسىيەلەر ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، لېكسىيەگە ھەرقايسى ساھەلەردە خىزمەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر سەرخىللىرى تەكلىپ قىلىنىدۇ ئۇنىڭدىن باشقا ئوقۇغۇچىلار ئارا كىچىك تىپتىكى ئىلمىي مۇھاكىمە سېمىنەرلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ.

يىتەكچىلىك ۋە مەسلەھەتچىلىك

ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ بىرگە بىر ئىنگلىزچە ئېغىزتىلى پراكتىكا يىتەكچىسى بولۇپلا قالماي، ئوقۇغۇچىلارغا ھەر ساھەدىكى سەرخىل زىيالىيلار تەرىپىدىن ئوقۇش ھاياتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەخسۇس بىرگە بىر يىتەكچىلىك قىلىنىدۇ. ھەممىدىن مۇھىمى پىسخىكا ۋە كىشىلىك تەرەققىيات مۇتەخەسىسى ئوقۇغۇچىلىرىمىزغا مۇناسىۋەتلىق مەزمۇنلاردا لېكسىيە سۆزلىگەندىن سىرت مەخسۇس ۋاقىت چىقىرىپ پىسخىكىلىق مەسلەھەت بېرىدۇ.

زىيارەتلەر ۋە ساياھەتلەر

سەرخىللار مائارىپى پروگراممىسى دەرس ۋە لېكسىيەدىنلا ئىبارەت بولماستىن، بەلگىلىك مۇددەت ئارىلىقلىرىدا ئوقۇغۇچىلارنى زىيارەت ۋە پائالىيەتلەرگە ئورۇنلاشتۇرىدۇ. 2021- يىللىق پروگرامما باشلانغاندىن بۇيان چوڭ-كىچىك بولۇپ، سەككىز قېتىم ھەرخىل پائالىيەت، زىيارەت ۋە ساياھەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

مۇنازىرە ۋە مۇسابىقىلەر

سەرخىللار مائارىپى تەربىيىلەش پروگراممىسىدىكى ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرى تەشكىللىنىپ ھەرخىل كىچىك تىپتىكى زىھىن سىنا ش مۇسابىقىلىرى ۋە مۇنازىرىلەرنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ.

0 +
تاللاش ئىمتىھانىغا قاتناشقان ئوقۇغۇچى سانى
0 +
يېتەكچىلەر سانى
0
تاللانغان ئوقۇغۇچى سانى
0
ئوقۇتقۇچىلار سانى

سەرخىللار مائارىپى ئوقۇغۇچىلارغا ھەرقايسى ساھەلەردىن مول بىلىم بېرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئوقۇغۇچىلاردا مىللىي ۋە كىشىلىك قىممەت قاراش ، شۇنداقلا ئەخلاق- پەزىلەت ۋە ماھارەت يېتىلدۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالىدۇ!​​