سەرخىللار مائارىپى

ھەققىمىزدە

سەرخىللار مائارىپى ھەققىدە

«سەرخىللار مائارىپى» نىڭ مەقسىتى تۈركىيەنى ئاساس قىلغان ھالدا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تالانتلىق ۋە بەلگىلىك يوشۇرۇن كۈچى بولغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى نوقتىلىق تەربىيىلەش ئارقىلىق دۇنياۋى داڭلىق ئالىي مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈشنى،  شۇنداقلا ئۆز ئانا تىلى ۋە مەدەنىيتىگە سادىق، مىللەتنىڭ كىلەچىكى ئۈچۈن ياراملىق بىر ئەۋلات سەرخىللارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىش. 

مائارىپ بىر مىللەتنىڭ كۈچلىنىشى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغان ئەڭ مۇھىم ئامىللاردىن بىرى.  « سەرخىللار مائارىپى» نىڭ ئەڭ دەسلەپكى پىكىرى ۋە لايىھەسى 2020- يىلى 8-ئايدا دوكتور مەخمۇتجان ئۆزئۇيغۇر تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن كىيىن بىر گورۇپپا زىياليلارنىڭ بىرلىكتە ھەمكارلىشىشى نەتىجىسىدە قۇرۇلغان بولۇپ، «ئۇيغۇر پروجېكت فوندى»نىڭ ۋە دىئاسپورادىكى ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلىرىنىڭ ۋە بىر قىسىم زىيالىلارنىڭ كۈچلۈك قوللىشىغا ئېرىشتى. «سەرخىللار مائارىپى» نىڭ مەقسىتى تۈركىيەنى ئاساس قىلغان ھالدا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تالانتلىق ۋە بەلگىلىك يوشۇرۇن كۈچى بولغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى نوقتىلىق تەربىيىلەش ئارقىلىق دۇنياۋى داڭلىق ئالىي مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈشنى،  شۇنداقلا ئۆز ئانا تىلى ۋە مەدەنىيتىگە سادىق، مىللەتنىڭ كىلەچىكى ئۈچۈن ياراملىق بىر ئەۋلات سەرخىللارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىش بولۇپ، قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلار دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلارغا كىرىش ئۈچۈن زۆرۈر شەرت بولغان ئىنگلىز تىلى ۋە باشقا پەنلەر بويىچە ئالاھىدە تەربىيىلىنىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئوقۇغۇچىلارغا يەنە ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى ۋە ئۇيغۇر تارىخى قاتارلىقلار زۆرۈر دەرسلىكلەر قاتارىدا ئۆتۈلىدۇ. ئوقۇغۇچىلار ئۇيغۇر مىللىي روھى، مىللىي ۋە ئۇنۋېرسال ئەخلاق ئۆلچەملىرى بويىنچە تەربىيىلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ھەر قايسى ساھەلەردىكى سەرخىللار تەكلىپ قىلىنىپ،  ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئېلھاملىنىشى، نەزەر دائىرىسىنىڭ كېڭىيىشى ۋە ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى ئۈچۈن مەخسۇس لېكسىيەلەر ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ.  نوقتىلىق، نىشانلىق ۋە ئىلمىي تەربيىلىنىشى ئۈچۈن مەخسۇس يېتەكچىلەر ئورۇنلاشتۇرىلىدۇ.  ئوقۇغۇچىلارنىڭ داڭلىق مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنىشىنىڭ مۇھىم شەرتى بولغان «ئىجتىمائىي پائالىيەت نەتىجىلىرى»نى قولغا كەلتۈرۈشىگە ھەمدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇنىۋېرستېتلارغا ئىلتىماس تەييارلىقلىرىغا ۋە تۈرلۈك رە سمىيەتلىرىگە يېتەكچىلىك قىلىنىدۇ ۋە ئوقۇش پۈتتۈرگەن لاياقەتلىك ئوقۇغۇچىلار مۇناسىۋەتلىك مەكتەپلەرگە تەۋسىيە قىلىنىدۇ!  

تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئۇلىنىشقا كىرىڭ:
سەرخىللار مائارىپى ھەققىدە كۆپ سورىلىدىغان سوئاللار ۋە جاۋابلار

مىللەتنىڭ قۇتۇلىشى ۋە گۈللىنىشى پەقەت ئالاھىدە مائارىپ ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ!

سەرخىللار مائارىپى 2021- يىللىق تەربىيىلەش پروگراممىسىغا قىسقا بىر نەزەر
+ 0
ئوقۇغۇچىلىرىمىز
0 +
يىتەكچىلىرىمىز
0 +
ئوقۇتقۇچىلىرىمىز
0 +
ھەيئەتلىرىمىز
نىشانىمىز

نىشانىمىزئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى داڭلىق ئالىي مەكتەپلەرگە ئۆتكۈزۈش. 

مەقسىتىمىز

 مەقسىتىمىز ئۇيغۇرلارنىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەر ساھەدىن ۋە ھەر جەھەتتىن يېتىشكەن، مىللەتنىڭ قۇتۇلىشى ۋە گۈللىنىشىدە تۈرتكىلىك رول ئوينىيالايدىغان غول قوشۇن ھازىرلاپ چىقىش.

پرىنسىپىمىز

پرىنسىپىمىز ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى زامانىۋى ۋە ئىلغار بولغان دۇنيا مائارىپىغا يۈزلەندۈرۈش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا  ئۆزئانا تىلى ۋە مەدىنىيىتىگە سادىق، مىللىي روھى  ۋە قىممەت قارىشى  تىكلەنگەن ئۇيغۇر سەرخىللىرىنى يېتىلدۈرۈش.