ئوقۇغۇچۇم
مەخمۇتجان ئۆزئۇيغۇر
مۇشۇ بىر قانچە كۈن ئىچىدە مەن دۇچ كەلگەن خاراكتېرى ئوخشاپ كېتىدىغان ئىككى ئىشنى سېلىشتۇرما قىلىپ ئورتاقلاشقۇم كەلدى...
بۇ يىل تولۇق ئوتتۇرىغا ئۆتكەن ئوغلۇمنىڭ مەكتەپ ياتىقىغا ئىلتىماس قىلىش ئۈچۈن مەكتەپكە كېلىپ ئىلتىماسلىرىمىزنى تاپشۇرغاندىن كىيىن ئەشۇ يەردىكى بىر ئۇيغۇر تاماقخانىسىغا غىزالانغىلى كىردۇق. ئاشخانا كىچىك ئەمما رەتلىك ۋە پاكىز كۆرۈنەتتى. ئىشلىرىمىزنى پۈتتۈرگەننى تەبرىكلەش ئۈچۈن ياخشىراق تاماقلارنى بۇيرۇدۇق. بىزدىن باشقا مېھمانلار بولمىغاچقىمىكىن تاماقلار ھايالشىمايلا چىقتى. قارىسام يېيىشتىن بۇرۇن شۆلگەي ئېقىتقۇدەك دەرجىدە تاماقنىڭ سۈپىتى شۇنداق ياخشى. دەرۋەقە تەمىمۇ ئاغزىدا قالغۇدەك دەرجىدە لەززەتلىك ئىكەن..
تاماقنى يەپ بولۇپ ئوغلۇمنى پۇل تۆلەشنى ئۆگەنسۇن دەپ «پۇلنى تۆلەپ چىق» (ئادەتتە داۋاملىق پۇلنى ئۇنىڭغا تۆلىتىمەن) دەپ چىقىپ كەتتىم. سىرتتا بىر ھازا ساقلاپ ئىچىگە كىرسەم پۇل ئېلىش ئالماسلىقنى تالىشىۋېتىپتۇ، ئوغلۇم بېرەي دېسە كۈتكۈچى يىگىت ئالغىلى ئونىمايۋاتاتتى..(بىز كىرگەندىلا كامىل سالام قىلىپ قىزغىن قارشى ئېلىپ مېنى سۆيۈندۈرگەن ئىدى بۇ يىگىت.) مەن ئارىغا كىرىپ، "ئىككىڭلار تونۇشامسىلەر؟" دەپ سورىسام ئۇ يىگىت كۈلۈپ تۇرۇپ ياق، لېكىن سىز مېنى تونۇيالمىغان بىلەن مەن سىزنى تونۇيمەن ئۇستاز، سىز مېنى كىچىك ۋاقتىمدا ئوقۇتقان.." دېدى. مەن بىر ھازا قاراپ يەنىلا تونۇيالماي قالغان بولساممۇ چاندۇرماي تۇرۇپ: «پاھ، بويۇڭ ھاۋاغا چىقىپ كېتىپتۇ، چوڭ بولۇپ كېتىپسەن، تونۇيالماي قاپتىمەن، كەچۈرگىن!» دېدىم ۋە ئارقىدىن: «بۇ ئاشخانا سېنىڭمۇ؟» دەپ سورىغان سوئالىمغا ئېنىقسىز ھالدا :«ئۇلارنىڭ..» دەپ ئىشارەتلىدى كەينىگە بۇرۇلۇپ ۋە ئۆزىنىڭ بۇيەردە كۈتكۈچىلىك قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. مەن ئۇنىڭغا ھەر قانچە قىلىپمۇ پۇلنى ئالدۇرالمىدىم. - « مەن رازى ئۇستاز، سىز مېنىڭ ئۇ قەدەر ئوقۇتۇپ بېلىم بەردىڭىز، بىرەر ۋاق تاماق بىلەن مېھمان قىلغىلى قويۇڭ!» دەپ تۇرۇۋالدى. مەنمۇ ئارتۇق زورلاشنىڭ مەنىسىزلىكىنى ھېس قىلىپ، بۇنى كېلەر قېتىم تولۇقلاشنى كۆڭلۈمگە پۈكۈپ، ئوقۇغۇچۇمنى باغرىمغا بېسىپ ئاشخانىدىن چىقتىم...
ئارىدىن بىر قانچە كۈن ئۆتۈپ، باشقا بىر ئىش بىلەن سافاكۆي مەھەللىسىگە كەلدىم ۋە مەن داۋاملىق كىرىدىغان ئاشخانىغا كىردىم... ئىشكتىن كىرىشىمگە تېلېفوندا پاراڭلىشىپ ئولتۇرغان بىر يىگىتكە كۆزۈم چۈشتى ۋە دەرھال تونۇپ كۆرۈشۈشكە تەمشەلدىم يو تېلېفوندا پاراڭلىشىۋاتقان بولغاچقا بىر ئىككى دەقىقە ئۇنىڭ ئورنىدىن تۇرۇپ قول ئۇزىتىشىنى ساقلىدىم.. ئەپسۇس، بۇ بالا خۇددى ناتونۇش بىرى بىلەن كۆزى ئۇچرىشىپ قالسا كۈلۈپ باش لىڭشىتىپ قويغانغا ئوخشاش ئورنىدىن تۇرمايلا باش لىڭشىتىپ قويدى ۋە تېلېفوندا سۆزلىشىشنى داۋام قىلدى. ئىچىمدە "ھېلىمۇ ياخشى مەن باشتا ئېغىز ئېچىپ قول تەڭلىمەپتىمەن" دېدىم يو، بىر ئاز ھار كەلگەندەك بولۇپ، خىياللىرىم بۇنىڭدىن 5، 6 يىل بۇرۇنغا كەتتى...
بۇ باللىنىڭ ئاتا-ئانىس ۋەتەندە بولسىمۇ باشقا ئوخشاش ئەھۋالدىكى تەڭتۈشلىرىگە قارىغاندا جانلىق، ئۆز پىكىرىنى دېيىشتىن تارتىنمايدىغان، كاللىسى ۋە پىكىرى ئۆتكۈر بالا ئېدى. شۇنداق بولغاچقىمۇ ئۇنىڭدىن ئەڭ كۆپ ئۈمۈد كۈتەتتىم. تاكى مەن ئۇنى ئوقۇغۇچىلىقتىن چىقارغانغا قەدەر تونۇش بىلىشلەر ئارقىلىق تۇرۇمۇش پۇلى ھەل قىلىپ ياكى مەكتەپنىڭ پۇللىرىدىن "مۇكاپات" قىلىپ بېرىپ تۇردۇق. باشقا ئوقۇتقۇچىلارمۇ قاراپ تۇرماي ئۇنىڭغا مىھرىبانلىق يەتكۈزۈپ تۇراتتى..
ئۇنىڭدىن كىيىنمۇ ئۇنى سۈرۈشتۈرۈپ تۇردۇم، ئاڭلاپ تۇردۇم. شۇنچە ياخشى ئوقۇۋاتقان بالا ئاۋال مەكتەپنى تاشلاپتۇ، ئاندىن بالدۇرلا توي قىلىۋاپتۇ. ئاڭلىسام ئوقۇشنى پۈتۈنلەي تاشلاپ پارچە-پۇرات ئىشلارنى قىلىۋېتىپتۇ. مېنىڭ پەرىزىمچە ئۇنىڭ كاللىسىنى ئۆزگەرتىۋەتكەن ۋە كونترول قىلىۋالغان بىرلىرى بار بولۇشى مۇمكىن..
ئۇ ئوقۇشنى داۋام قىلغان بولسا بەلكىم ئىستىقبالى بەك پارلاق بولۇشى مۇمكىن ئېدى.. نېمىلا بولمىسۇن، مېنىڭ ئوقۇغۇچۇم بولۇش سالاھىتىگە چۈشمەي تەبىئىيلا شاللىنىپتۇ...