رومان بىلەن ئۆتكەن گۆدەكلىك
-تۇردىمۇھەممەد ئابدۇللاھ
يالتايمىغىن «ئىز»قالدۇرۇشتىن،
ئۆچۈرسىمۇ « قۇم باسقان شەھەر ».
لەنەت ئوقار «ئويغانغان زېمىن »،
«داغ» چاقنىسا قەبرەڭدە ئەگەر.
«سەرسان روھلار» ۋەتەن دەپ يىغلار،
زەھەر ئەمما « لېيىغان بۇلاق»،
«گۆر ئاغزىدىن يانغانلار » ئۆتكەن،
«تەقدىر» دەيدۇ بۇ «ھايات شۇنداق».
« قانلىق يەر»دە بار « ئاي يامغۇرى»،
يېنىپ ئۆچەر «تۈندىكى چاقماق»،
«تۈشۈك مۇنچاق » قالمايدۇ يەردە،
«چالا تەگكەن ئوق» بېرەر ساۋاق.
كۆزى ئۇچۇق «جاللات خېنىم»نىڭ،
« قىساس» مەڭگۈ «قۇرۇماس دەرەخ ».
« ئاخىرەتتىن كەلگەنلەر» دەيدۇ،
« ئانا يۇرت » نى ساتقانلار بەدبەخ.
ئەسەر يېزىپ «يۈسۈپ خاس ھاجىپ»
«ئۆچمەس ئىزلار» قالدۇرۇپ كەتتى.
كېزىپ ھەر يەر «مەھمۇت كاشغەرى»
« ئىزدىنىش» تە ۋايىغا يەتتى.
« ئالتۇن كەش» نى كىيسەم بولىمەن،
« سادىر پالۋان » كەبى يۈرەكلىك.
ئاددى ئەمما مەنەگە تولغان،
رومان بىلەن ئۆتكەن گۆدەكلىك.
-تۇردىمۇھەممەد ئابدۇللاھ
يالتايمىغىن «ئىز»قالدۇرۇشتىن،
ئۆچۈرسىمۇ « قۇم باسقان شەھەر ».
لەنەت ئوقار «ئويغانغان زېمىن »،
«داغ» چاقنىسا قەبرەڭدە ئەگەر.
«سەرسان روھلار» ۋەتەن دەپ يىغلار،
زەھەر ئەمما « لېيىغان بۇلاق»،
«گۆر ئاغزىدىن يانغانلار » ئۆتكەن،
«تەقدىر» دەيدۇ بۇ «ھايات شۇنداق».
« قانلىق يەر»دە بار « ئاي يامغۇرى»،
يېنىپ ئۆچەر «تۈندىكى چاقماق»،
«تۈشۈك مۇنچاق » قالمايدۇ يەردە،
«چالا تەگكەن ئوق» بېرەر ساۋاق.
كۆزى ئۇچۇق «جاللات خېنىم»نىڭ،
« قىساس» مەڭگۈ «قۇرۇماس دەرەخ ».
« ئاخىرەتتىن كەلگەنلەر» دەيدۇ،
« ئانا يۇرت » نى ساتقانلار بەدبەخ.
ئەسەر يېزىپ «يۈسۈپ خاس ھاجىپ»
«ئۆچمەس ئىزلار» قالدۇرۇپ كەتتى.
كېزىپ ھەر يەر «مەھمۇت كاشغەرى»
« ئىزدىنىش» تە ۋايىغا يەتتى.
« ئالتۇن كەش» نى كىيسەم بولىمەن،
« سادىر پالۋان » كەبى يۈرەكلىك.
ئاددى ئەمما مەنەگە تولغان،
رومان بىلەن ئۆتكەن گۆدەكلىك.