سەرخىللار مائارىپى

سەرخىللار مائارىپى دەرسلىرىدىن پەقەتلا سەرخىللار مائارىپى تەربىيىلەش پروگراممىسىغا تاللانغان ئوقۇغۇچىلارلا بەھرىمان بولالايدۇ.

سەرخىللار مائارىپى دەرسلىرى ھەقسىز!

بۇ دەرسلەرنىڭ ئىچىدە ئىنگلىزچە دەرسى پۈتۈنلەي ئىنگلىز تىلىدا سۆزلىنىدىغان بولۇپ، ماتېماتىكا ۋە فىزىكا دەرسلىرىمۇ ئامېرىكا قاتارلىق تەرەققي تاپقان ئەللەرنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئىنگىلىزچە ماتېرىياللىرىنى مەنبە قىلىپ تۇرۇپ ئۆتۈلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى ۋە بىر پۈتۈن ئۇيغۇر تارىخى تولۇق ئوتتۇرا سەۋىيەسىدە ئۆتۈلىدۇ.

سەرخىللار مائارىپى بىرىنچى قارار ئوقۇغۇچىلىرى تاللىنىپ پروگرامما باشلانغاندىن بۇيان يىللىق دەرس پىلانى   بويىنچە ئىنگلىز تىلى،  ماتېماتىكا،  ئۇيغۇرتىل- ئەدەبىياتى،  ئۇيغۇر تارىخى ۋە ئەخلاق دەرسلىرى زۆرۈر دەرسلەر قاتارىدا، فىزىكا ۋە كومپيۇتېردا پروگراممىلاش دەرسلىرى تاللاپ ئوقۇلىدىغان دەرسلەر قاتارىدا مۇنتىزىم ۋە سېستىمىلىق ھالدا ئۆتۈلۈپ كەلمەكتە.

flags, unites states, great britain-38754.jpg

ئىنگلىز تىلى

ئىنگلىز تىلى دەرسىمىز ئوتتۇرا ۋە يۇقىرى سەۋىيەدە بولۇپ، دەرس پۈتۈنلەي ئىنگلىز تىلىدا سۆزلىنىدۇ، شۇڭا سەرخىللار مائارىپىغا قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىنگلىز تىلى سەۋىيەسى باشلانغۇچ سەۋىيەدىن يۇقىرى بولىشى تەلەپ قىلىنىدۇ. مۇنتىزىم، ئىلمىي ۋە نىشانلىق ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ داڭلىق مەكتەپلەرگە ئىلتىماس قىلىشىنىڭ ئالدىنقى شەرتى بولغان خەلقئارالىق ئىنگلىز تىلى سەۋىيە سىناش ئىمتىھانلىرىدىن يۇقىرى نەتىجە بىلەن ئۆتۈشىگە ئاساس سېلىنىدۇ.

math, blackboard, education-1547018.jpg

ماتېماتىكا

دۇنيادىكى داڭلىق ئالىي مەكتەپلەرگە كىرىشنىڭ مۇھىم شەرتلىرىدىن بىرى ماتېماتىكا ئاساسىنىڭ پۇختا بولىشى بولۇپ، سەرخىللار مائارىپىغا قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلارغا تولۇق ئوتتۇرا يۇقىرى سەۋىيە ماتېماتىكا دەرسى تەرەققىي قىلغان ئەللەرنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ دەرسلىك ماتېرىياللىرىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ ئۆتۈلىدۇ ۋە شۇ ئارقىلىق نوقتىلىق ئالىي مەكتەپ دەرسلىرىگە تىز سۈرئەتتە ماسلىشىشى ئەمەلگە ئاشۇرىلىدۇ. نۇرغۇن ئالىي مەكتەپلەر ماتېماتىكا سەۋىيەسىنى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى قىلغاچقا سەرخىللار مائارىپى ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەلقئارالىق ئۆلچەمدە ماتېماتىكا ئىمتىھانلاردىن ياخشى نەتىجە ئېلىشىغا تۈرتكە بولۇپلا قالماي، مەزكۇر دەرستىن بەلگىلەنگەن لاياقەتكە يەتكەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپلەرگە مۇكاپاتلىق قوبۇل قىلىنىشىغا ئالاھىدە كۈچ چىقىرىدۇ.

تىل-ئەدەبىيات

سەرخىللار مائارىپى ئوقۇغۇچىلارنى داڭلىق ئالىي مەكتەپلەرگە لايىق ھالدا تەربىيىلەپ، تونۇشتۇرىدىغان رەسمىي ئورگان بولۇپلا قالماستىن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆز ئانا تىلى ۋە مەدەنىيىتىگە سادىق سەرخىل ئەۋلاتلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى زۆرۈر دەرسلەر قاتارىدا ئۆتۈلىدۇ ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ داڭلىق مەكتەپلەرگە تەۋسىيە قىلىنىشى ئۈچۈن مەزكۇر دەرستىن ئېلىنىدىغان ئىمتىھانلاردا بەلگىلەنگەن ئۆلچەمدە لاياقەتلىك بولىشى تەلەپ قىلىنىدۇ.

ئۇيغۇر تارىخى

سەرخىللار مائارىپىغا قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلارغا بىرپۈتۈن ئۇيغۇر تارىخى زۆرۈر دەرسلىكلەر قاتارىدا ئۆتۈلىدۇ ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ داڭلىق مەكتەپلەرگە تەۋسىيە قىلىنىشى ئۈچۈن مەزكۇر دەرستىن ئېلىنىدىغان ئىمتىھانلاردا بەلگىلەنگەن ئۆلچەمدە لاياقەتلىك بولىشى تەلەپ قىلىنىدۇ.

ئەخلاق

ئەخلاق ئىنساننىڭ سۆز ۋە ھەرىكەتلىرىگە سىڭىپ كەتكەن مىجەز-خۇلقى بولۇپ. ئەخلاق بىر پۈتۈن ئىجتىمائىي جەمىيەتكە ئاكتىپ ھالدا تەسىر قىلىدىغان، شۇنداقلا ئىنساننىڭ شەخسىي ھاياتى ۋە مۇۋاپىقىيىتىگىمۇ زور دەرىجىدە تەسىر قىلىدىغان مۇھىم ئامىللاردىن بىرى. شۇڭا سەرخىللار مائارىپىغا قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلار مىللىي ۋە ئىسلامى ئەخلاق قىممەت قاراشلىرى بىلەن تەربىيىلىنىپلا قالماستىن دۇنياۋى ئەخلاق ئۆلچەملىرى بىلەن تەربىيىلىنىدۇ. ئوقۇغۇچىلار دەرس ئوقۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا ھەرقايسى جەھەتلەردىن ھەر ۋاقىت ئىنچىكە كۈزۈتىلىپ تۇرىدۇ.

يۇقىرىدىكى زۆرۈر دەرسلەردىن باشقا فىزىكا، كومپيۇتېردا پروگراممىلاش ۋە باشقا دەرسلەر تاللاپ ئوقۇلىدىغان دەرسلەر قاتارىدا ئۆتۈلىدۇ...